Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 13:2
23 Referans Kwoze  

تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر.


ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا،


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى كۆرۈپ: - روھانىيلارغا بېرىپ كۆرۈنۈڭلار. سىلەرنىڭ ئەمدى پاكلانغانلىقىڭلارنى تەكشۈرسۇن، - دېدى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ماخاۋدىن ساقايدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دەپ تاپىلىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دېدى.


روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.


شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»


بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.


شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.


ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.


ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.


بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.


ئۆي ئىگىسى: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تاملىرى كۆكىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ» دەپ روھانىيغا مەلۇم قىلسۇن.


مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:


روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن.


روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite