13 روھانىي ئۇنى قايتىدىن تەكشۈرسۇن. ناۋادا روھانىي تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن.
- كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر.
ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.
ئەگەر تېرە كېسىلى يامراپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى پۇتىغىچە ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا،
ئەگەر ئۇنىڭ تېنىدىكى جاراھىتى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ئۇ ناپاكتۇر.
بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.
تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.