Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 12:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 روھانىي ئايالنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئايال قاندىن پاكلىنىدۇ. بۇ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 12:7
16 Referans Kwoze  

مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار.


چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر.


مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ.


چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان.


ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!


ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite