Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 11:45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

45 مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 11:45
22 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.


_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.


سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر.


چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرگە كەنئان زېمىنىنى ئاتا قىلىش ۋە سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.»


مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


يۇقىرىدىكىلەر ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردۇر.


_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.


مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


مەن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»


شۇنداق قىلىپ سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلىسىلەر ۋە مەن خۇدايىڭلارغا ئاتالغان بولىسىلەر.


بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.


سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.


كالا، قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار.


تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.


پەرۋەردىگار يېگانە ۋە مۇقەددەستۇر، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite