29-30 ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردىن ئاغمىخان، چاشقان، پاتمىچۇق، سالما، ۋاران كەسلەنچۈكى، باشقا ھەر خىل كەسلەنچۈكلەر ۋە خامېلېئون ھارامدۇر.
ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ.
بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.
شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.
بۇنىڭ بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.
كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇتلارغا تولغان باغلىرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئۆزىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ.
يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى، پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن، ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى.
خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى.
ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.
كەسلەنچۈك؛ گەرچە ئۇنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خان ئوردىلىرىغىمۇ كىرىۋالار.