Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 11:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار ھەم قەتئىي يېمەڭلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى،

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 11:13
18 Referans Kwoze  

چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.


بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار، تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر، بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەن خۇددى بۈركۈتتەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، موئاب ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟


كان يولىنى ئوۋ قۇشلىرى بىلمەيدۇ، لاچىنمۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس.


ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار.


سۇدا ياشايدىغان ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.


ھەر خىل سار ۋە لاچىن،


مەن يەنە ئىككى ئايالنىڭ شامالدا لەيلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار كېلىپ، ئىدىشنى ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite