9 _ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.
ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.
شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى،
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى،
ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.
روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شاراب ئىچمىسۇن.
لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.
خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى،
ئۆزىنى مەي ۋە شارابتىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن، ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىشنى يېمىسۇن.
(ئاشقازىنىڭنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا دائىم كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن.)
شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ.
شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.
روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇلارغا قوشۇپ يەنە، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە يوتا گۆشلىرى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ روھانىينىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ.
ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.