18 بۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسەڭلار بولاتتىغۇ!؟
لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.
گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.
ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.
پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى: