Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 10:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 10:16
12 Referans Kwoze  

ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي،


ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى.


ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.


بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.


(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)


لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.


گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.


نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.


بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite