Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 10:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاش تائام ھەدىيەسىنىڭ مېيى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنسۇن. بۇلار سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 10:15
12 Referans Kwoze  

چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.


ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى


ھەممە ئەرلەر خەتنە قىلىنسۇن. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن مەڭگۈلۈك ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر.


سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!


سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپتۇر.


روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ پارچىلىرى، يەنى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش مۇقەددەستۇر. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ.


بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ھەر قېتىم ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنغاندا، بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشى بولىدۇ.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite