Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 10:12
14 Referans Kwoze  

لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


ئىسرائىللار سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەسى، پاكلىنىش ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ئاتىغانلىرى ئۇلارغا تەۋەدۇر.


ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.


يەنە سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار تەييارلىغىن.


ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.


سىلەر ئۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان بۇ تائام ھەدىيەلىرى سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئۈلۈشلىرىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئەمرىدۇر.


ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.


ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.


لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.


بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite