11 سىلەر مەن مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.
ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى خەلققە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق نېمىنىڭ ئوقۇلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.
شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.
تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
چۈنكى، سىلەر بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىزنى بىلىسىلەر.
چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.
ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ئىسرائىللارغا. خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ.
روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشتى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.
پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۇلار چىقارغان ھۆكۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلىڭلار.
ئۇلارنىڭ بۇيرۇغان سۆزلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمرلىرىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلماڭلار.
ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇدادىن، تەلىم بېرىدىغان روھانىيلاردىن ۋە خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالدى.