Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 1:4
44 Referans Kwoze  

خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قوينىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى كالىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى كالىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.


ئاندىن قوچقارلاردىن بىرنى ئېلىپ كەلگىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن.


سەن بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن.


مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»


شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان.


ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن.


ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.


ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.


مۇسا يەنە بىر قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا سۇنۇلغان قوچقار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.


ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئۇ قولىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن.


ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.


جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.


بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.


قولىنى ئۆچكىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۆچكىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.


چۈنكى، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھتىن ھەرگىز پاك قىلالمايدۇ.


بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.


خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ ئامانلىق ئەھدىسىگە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ماڭا قىزغىن بولۇپ، ساداقەتسىزلەرنى يوقىتىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلدى.


روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ.


لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن.


_ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ.


ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار.


روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.


ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.


ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


ئۇ قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن.


لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىللار قوللىرىنى لاۋىيلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ سۇلىرى ئەلۋەك يايلاقلىرىدىكى قويلارنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. يۇقىرىقىلار ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite