Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 1:14
10 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە، بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسى ئىبادەتخانىدا روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.


ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.


مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ماڭا ئىنەك، ئۆچكە، قوچقار تەييارلىغىن، ھەممىسى ئۈچ ياشلىقتىن بولسۇن. بۇنىڭدىن سىرت پاختەك ۋە كەپتەرمۇ تەييارلىغىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ،


ئىككىنچى پاختەكنى روھانىي قائىدە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite