Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 1:1
19 Referans Kwoze  

مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:


مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.


كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلىنسۇن، بۇ قائىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋام قىلسۇن. مەن بۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.


ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «ئۇچرىشىش چېدىرى»نى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايغا تىكەتتى. پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ئۇ يەرگە باراتتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى ئىككى تاش تاختىغا يازدىم. ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، _ دېدى.


ئۇ يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلدى.


مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن: _ مۇسا! مۇسا! _ دەپ چاقىردى. _ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.


ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان بۇ قۇربانلىق سۇپىسى تاراشلانمىغان تاشلاردىن ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار.


ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسدا كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.


جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق بۇقا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite