Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 5:7
15 Referans Kwoze  

ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ھېچكىم: ‹ئاتا-ئانىسى ئاچچىق ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ› دېگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ.


سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى! سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالماي، جاھىللارچە ئۆزۈڭلارنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدىڭلار.


_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئېيتىلغان «ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن ماقالنى قايتا تىلغا ئالىسىلەر؟


ئى پەرۋەردىگار، بىز رەزىللىكلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەزىللىكلىرىنىمۇ ئىقرار قىلىمىز. بىز ساڭا قارشى گۇناھ سادىر قىلدۇق.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»


ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى.


قېنى ئاشۇ ئەجدادلىرىڭلار، قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇلار مەڭگۈ ياشىدىمۇ؟


نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟ تېنىم تۇپراققا بەخشەندە بولغاندا، مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»


سەن ھازىر مېنى كۆرەلەيسەن، لېكىن كېيىن كۆرەلمەيسەن. سەن ماڭا نەزىرىڭنى ئاغدۇرغاندا، مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىمەن.


ئۇلار: _ ئى جانابلىرى، بىز ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى! _ دېدى.


سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن.


سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى.


سەن بۇزۇقچىلىق ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite