4 ئۆز سۈيىمىزنى سېتىۋالىمىز پۇلغا، پۇل تۆلەيمىز ئۆز ئوتۇنىمىزغا.
قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،
شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.
بىز ھازىر ئۆز زېمىنىمىزدا قۇل بولۇپ قالدۇق. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا بىز قۇل بولدۇق.