3 بىز ئايلاندۇق ئاتىسىز يېتىم بالىغا، ئانىلىرىمىز ئايلاندى تۇل خوتۇنغا.
ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!
دەرغەزەپ بولۇپ، سىلەرنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، خوتۇنۇڭلار تۇل، پەرزەنتلىرىڭلار يېتىم قالىدۇ.
ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»
تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.
ئەگەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن ۋە