Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 5:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21-22 ئەگەر بىزگە ئەبەدىي غەزەپلەنمىگەن ۋە بىزدىن ۋاز كەچمىگەن بولساڭ، ئى پەرۋەردىگار، قايتۇرۇپ كەل بىزنى يېنىڭغا، قايتايلى بىزمۇ ساڭا، ئۆتۈنەيلى، قايتۇر بىزنى ئاشۇ پارلاق زامانغا.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 5:21
19 Referans Kwoze  

قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.


مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: ‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق. سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق. بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن. بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز.


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەن: تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: سىلەر بۇ زېمىن توغرىسىدا سۆزلەپ: ‹بۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلاندى، بۇ يەردە ئادەم ياكى ھايۋانمۇ يوق› دەيسىلەر. لېكىن ئادەم ۋە ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، قاقاسلىققا ئايلانغان يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا


ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر. سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.


ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن! بۇ خەلق سېنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىڭنى بىلسۇن، _ دېدى.


شۇندىلا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى بۇرۇنقىدەك خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ.


سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك گۈللىنىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆز ئالدىمدا بىر خەلق قىلىپ تىكلەيمەن. ئۇلارغا زۇلۇم سالغان ھەرقانداق ئادەمنى جازالايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite