20 نىچۈن تامام ئۇنتۇدۇڭ بىزنى، نىچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىدىڭ بىزنى؟
نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى، نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟
بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟
تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم. ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار،
ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە، دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟
ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.
لېكىن سىئون: «پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا قايمۇققان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىڭ؟ نېمىشقا ئادەم قۇتقۇزالمايدىغان جەڭچىگە ئوخشايسەن؟ سەن ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە، ھەمدە بىز ساڭا مەنسۇپ. بىزدىن ۋاز كەچمىگىن!»