19 لېكىن ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈم سۈرىسەن مەڭگۈگە، تەختىڭ داۋاملىشىدۇ دەۋردىن-دەۋرگە.
لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.
ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر.
پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.
پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە، ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە.
پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»
بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟
ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە، ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!
تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا.
يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»
ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.
مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.
ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،
ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن: - نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ - دېدى.
مۇستەھكەمدۇر تەختىڭ ئەزەلدىن، مەۋجۇتسەن ئۆزۈڭ ئەلمىساقتىن.