14 شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار، ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار.
مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»
مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.
ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى ئۇنىڭدا، چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، كانايچىنىڭ، سۇنايچىنىڭ. ئەمدى تېپىلمايدۇ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن. ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ.
سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.
ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.
ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.
مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ.
چۈنكى، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ.
لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا، نېيىم نالە قىلماقتا.»
ئەمدى بۈگۈن مەندىن كىچىكلەرمۇ مېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىم، ھەتتا قويلىرىمغا قارايدىغان ئىتلىرىم قاتارىدىمۇ كۆرمەيتتىم.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن.
ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.