13 قۇل بولۇپ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتار ياش يىگىتلىرىمىز، ئوتۇن يۈدۈپ دەلدەڭشىپ يۈرۈشەر ئوغۇل بالىلىرىمىز.
فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.
ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلىرى ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ.
مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
ھازىردىن باشلاپ تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىسەن. يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلا! ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ قوي! پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت!
ئايالىم باشقىلارنىڭ بۇغدىيىنى يانجىسۇن، باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسۇن.
ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىڭلار.
شۇ ۋاقىتتا مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە ھەممە تۇنجى ئوغۇللار ئۆلىدۇ، ھەتتا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرىمۇ ئۆلىدۇ.
مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.
بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.