9 ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.
بېشىڭلارغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭلارغا ئاياغ كىيىپ يۈرىسىلەر. ھازا ئاچمايسىلەر، پەرياد قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تۈگەشتۈرىدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىڭراپ دەرد تۆكىسىلەر.
ھايات قالغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا ئازاب چېكىسىلەر.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.»
ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.
_ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى.
شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى.
ئۇلار تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، چارۋا ماللىرىڭلارنى ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇللىرىڭلارنى يەيدۇ. سىلەرگە يا ئاشلىق، يا شاراب، يا زەيتۇن يېغى، يا قوزا ياكى موزايلارنى قالدۇرمايدۇ. سىلەر ھالاك بولىسىلەر.
شەھىرىڭلارنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟ ئەمما، ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىدى.
ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.
شەھەر سىرتىدا ئۇرۇش، شەھەر ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق بولىدۇ. شەھەر سىرتىدىكىلەر قىلىچتا، شەھەر ئىچىدىكىلەر ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ.