Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھېچكىم ھۇجۇم قىلمىسىمۇ سودوم شەھىرىگە، سودوم شەھىرى تۇيۇقسىز ۋەيران بولدى. ۋاھالەنكى، خەلقىمنىڭ جازاسى سودوم شەھىرىدىن ئېغىر بولدى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 4:6
14 Referans Kwoze  

يەنى بۇ ئىككى شەھەرنى، شەھەردىكى ئاھالىلەرنى، تۈزلەڭلىكنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى خاراب قىلدى.


بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.


خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ.


چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.


سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.


ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.


پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى،


ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن.


روھانىيلار ۋە خەلقلەر، خوجايىنلار ۋە قۇللار، ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر، ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار، قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار، ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.


مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.


ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite