Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىر چاغلاردا ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر، ئەمدى بۈگۈن كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلەر. قىممەت باھالىق توق قىزىل لىباس ئارتقانلار، ئەمدى كۈل دۆۋىلىرىنى ماكان قىلار.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 4:5
17 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.


ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.


لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب.


ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.


قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى، چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى.


ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى، سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار! ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق لىباسلارنى كىيدۈرۈپ، لىباسىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەنىدى.


ئۇلار تاغ يامغۇرلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتسە، قىيا تاشلارنى دالدا قىلىدۇ.


سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.


پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite