3 چىلبۆرىمۇ ئۆز بالىسىنى ئېمىتەر، لېكىن خەلقىم تۆگىقۇشتەك بالىلىرىنى تەرك ئېتەر.
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.
خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.
سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟
سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»
سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.
نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر.
پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ: «ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟ ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.
بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.
ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.
مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى.