Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 4:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 4:21
24 Referans Kwoze  

ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى.


ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەنىدى. ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى.


ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»


ئەي شافىر ئاھالىسى، يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر. زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ، ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ.


بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب ۋە سەئىر خەلقى: ‹يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق› دەپ سۆزلەپ يۈرۈشتى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قەدەھتىكى جازا شارابىنى ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىچكەن يەردە، سەن قانداقمۇ جازالانماي تۇرالايسەن؟ سەن جازاسىز قالمايسەن. چوقۇم جازا شارابىنى ئىچىسەن.


ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى پادىشاھى ئاخازنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. چۈنكى پادىشاھ ئاخاز يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا يېتەكلەپ، پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلغانىدى.


دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.


سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite