مەرسىيەلەر 4:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا. Gade chapit la |
ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.
قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!