16 پەرۋەردىگار ئۆزى قوغلاپ چىقاردى ئۇلارنى، غەمخورلۇق قىلماس ئەمدى ئۇلارغا. كىشىلەر ھۆرمەت بىلدۈرمەس روھانىيلارغا، مەرھەمەت كۆرسەتمەس ئاقساقاللارغا.
ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار.
بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۈزگەن ئەھدىدەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەھدەمگە سادىق بولمىدى، شۇڭا، مەنمۇ ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم.
مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.
مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ خەلقلىرى ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولغاندۇر.
شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا، رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.
پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى،
ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى، ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى. ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى، بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى، ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى.
ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ، ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»
روھانىيلار ۋە خەلقلەر، خوجايىنلار ۋە قۇللار، ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر، ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار، قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار، ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.
مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.
سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.