9 تاشلار بىلەن توسۇپ ماڭار يولۇمنى، شۇنچە قىيىن قىلدى مېنىڭ مېڭىشىمنى.
ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن، ئۇ يولىنى تاپالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا تام قوپۇرىمەن.
يولدىن سۆرەپ بىر چەتكە مېنى، تاشلاپ قويار پارچە-پارچە قىلىپ تېنىمنى.
ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ. ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.
خۇدا ئالدىمغا تام سوقۇپ يولۇمنى توستى، يولۇمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلاتتى.
ئېيىق كەبى پايلاپ تۇرار ئۇ مېنى بۆكتۈرمىدە، پۇرسەت كەلسە شىر كەبى ئېتىلماق بولۇپ ئۈستۈمگە.