65 ئۆتۈنەي، ئەندىشە سېلىپ دىلىغا، لەنىتىڭنى چۈشۈرگەيسەن ئۇلارغا.
سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ.
لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.
رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!
پەرۋەردىگار پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى.