60 بىلدىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچلۈكىنى، قىلغان بارلىق سۇيىقەستلىرىنى.
ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى، گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!
بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.
ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىدىڭ ئۇلارنىڭ مېنى قانداق تىللىغانلىقىنى، ماڭا قانداق سۇيىقەست قىلغانلىقىنى.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»