Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 3:59 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

59 ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى، گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 3:59
16 Referans Kwoze  

ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.


ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى.


ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.


ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى، ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى، تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى.


چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.


بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.


ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.


مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟ بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان. لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ.


راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى دان [مەنىسى «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى.


بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.


سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى، ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.


بىلدىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچلۈكىنى، قىلغان بارلىق سۇيىقەستلىرىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite