Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 3:51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

51 كۆرسەم شەھەردىكى ئاياللارنى، كۆرگەنلىرىم ئازابلايدۇ قەلبىمنى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 3:51
14 Referans Kwoze  

سىئوندا زوراۋانلىققا ئۇچرايدۇ ئاياللار، يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ئاياغ ئاستى قىلىنار قىزلار.


قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.


سىئون يەنە نالە قىلماقتا: «لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە. ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە! قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.


سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»


ئېتىزلىقلاردا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرىمەن. شەھەر كوچىلىرىدا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمەن. پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.


ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.


شۇڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن چوقۇم ئۇلارنى جازالايمەن! ئۇلارنىڭ ياشلىرى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ئوغۇل-قىزلىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ.


ئەگەر مەن بۇ بالىسىز يالغۇز كەتسەم، ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى.


تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.


پەرۋەردىگار ئەرشتىن باقمىغۇچە ھالىمىزغا.


سەۋەبسىزلا دۈشمەن بولۇپ ماڭا ئادەملەر، قۇشقاچ تۇتماقچى بولغاندەك قوغلايدۇ ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite