Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 3:38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

38 ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 3:38
8 Referans Kwoze  

مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.


شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟


چۈنكى مەن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن.


_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.


بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر، ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار.


ئىلتىپات ئىستەر كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن، ئادالەت كېلەر ئادەمگە پەرۋەردىگاردىن.


پادىشاھ داۋۇت: _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قاغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى.


ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite