36 سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى، ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.
كۆزلىرىڭ شۇنچىلىك پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن، يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن. شۇنداق ئىكەن، سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟ ھەققانىيلار رەزىللەرگە يەم بولۇۋاتسا، نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟
سەمىمىيەت ئازلىغان، ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ، چۈنكى ئادالەت يوقتۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.
ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.
_ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن.
سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار، ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار.
گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟
ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى، گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!