31 ئىگىمىز تاشلىماس بىزنى مەڭگۈگە.
پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.
رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.
مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر.
قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.
«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ۋەيران بولۇپ، يوق بولىدۇ. مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم، ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن.
بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.
سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.»
ياق! لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ، ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ.