Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 3:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 تەربىيەچىگە تۇتۇپ بەرگىن مەڭزىڭنى، رەت قىلماي ئاڭلىغىن تىل-ئاھانەتلىرىنى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 3:30
11 Referans Kwoze  

ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.


كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا، يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە، بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتتى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار.


ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر.


بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار.


ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى. ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىل، شەپقەت قىل بىزگە، چۈنكى تارتقان خورلۇقلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە.


قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر، قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم. تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى، ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى، بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم.


چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.


ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite