28 تەنھا ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىل پەرۋەردىگاردىن تەربىيە ئالغاندا.
كىشىلەر توپلىشىپ، خۇشال بولۇپ ئوينىغاندا، مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا قوشۇلمىدىم، قولۇڭنى ئۈستۈمدە قويغانلىقىڭ ئۈچۈن يالغۇز ئولتۇردۇم، سەن مېنى بۇ كىشىلەرگە قارشى غەزەپكە تولدۇردۇڭ.
سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.
مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن، ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن.
سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى، چۈنكى، ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى.
پايدىلىقتۇر تەربىيە ئېلىش ياشلىقتا.
«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.
توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى، كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى.