24 بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى، شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.
تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.
پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.
بىراق ئويلىسام پەرۋەردىگارنى، يوقاتمايمەن ئۈمىدىمنى.
ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»
بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.
بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.
ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار.
بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»
سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.
يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «يىشاينىڭ ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ، باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»
ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا، تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا.
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.
ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.
ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ مەيلى، مېنىڭ باشقا ئۈمىدىم يوق، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاۋېرىمەن.
ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى.
داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.
نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى، ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى.
ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭلا زېمىنى يوقتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.
ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ئالتۇنۇڭ، قىممەتلىك كۈمۈشۈڭ بولىدۇ.
بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.
غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا، شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا.
لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.