22 توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى.
لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.
مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
لېكىن سەن يەنىلا ناھايىتى رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن!
«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.
بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.
ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ،
ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟
ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.
سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.
داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن، چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا. ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟ ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن. مەن ئۇنى سېغىنىمەن، جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن.
ئى ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل بولۇپ، بىزنى كەچۈردۈڭ.