Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 3:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 يوقاتتى ئۇ تىنچلىقىمنى، ئۇنتۇدۇم شادلىقنىڭ نېمىلىكىنى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 3:17
13 Referans Kwoze  

بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.


ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادەملەرمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا ھەققىنى ئالالمايتتى. دۈشمەن سەۋەبىدىن ھېچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. مەن ھەممىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويغانىدىم.


مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»


پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلار دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ماتەم تۇتمىغىن. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرگە بەرگەن ئامانلىقىم، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم ۋە رەھىمدىللىكىمنى ئېلىپ كېتىمەن.


ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، دۆڭلەر تۈزلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ، مېنىڭ تىنچلىق ئەھدەم ئۆزگەرمەيدۇ. مانا بۇ، ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.


رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.


ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.


كەينىدىن يەتتە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ. كىشىلەر ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.


دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite