12 خۇدا تارتىپ ياسىنى، نىشان قىلدى مېنى.
كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ.
ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا، گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟ نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟ ئەجەبا مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟
پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى، ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى، ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى، ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى.
ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.