Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگار سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى بۇزدى، شەھەر دەرۋازىلىرى توپىنىڭ ئاستىدا قالدى. پادىشاھ، يولباشچىلار يات يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندى، تەۋرات قانۇنى خەلققە ئۆگىتىلمەس، پەرۋەردىگاردىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي كەلمەس بولدى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 2:9
27 Referans Kwoze  

ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


ئۇلار ماڭا سۈرگۈندىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ بارغان يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.


ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇدادىن، تەلىم بېرىدىغان روھانىيلاردىن ۋە خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالدى.


بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ، جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ.


كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئەجدادىڭلار نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.


مەن تورۇمنى يېيىپ، ئۇنى تۇتىمەن. ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بېرىپ، ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن، ئۇنى سوراق قىلىمەن.


مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.


پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.


كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا: «يوقىلىش، ئەي ناپاكلار، يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر. شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار. يات خەلقلەرمۇ: «بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر.


يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى، سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە، تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار، ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى.


بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى.


پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ.


قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ.


مەن دەمەشق شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاۋېن جىلغىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يوقىتىمەن، بەيت-ئەدەننىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. ئاررام پۇقرالىرى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر.


سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.


شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite