Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئىگىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئەتتى. سىئوندىكى ئوردا سېپىللىرىنى دۈشمەنگە تاپشۇردى. دۈشمەنلەر خۇددى بايرام بولغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا قىيقاس-چۇقان كۆتۈردى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 2:7
31 Referans Kwoze  

«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا بۇلارنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


مەن ئەڭ رەزىل يات خەلقلەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار خەلقىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەن چوقۇم ئىسرائىل ھوقۇقدارلىرىنىڭ مەغرۇرلۇقىنى سۇندۇرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ سەجدىگاھلىرى دەپسەندە بولىدۇ.


ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.


ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.


بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى.


بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.


_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


بابىللىقلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى ھەمدە سارايلارغا ئوت قويۇپ، بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ۋەيران قىلدى.


ئەمما ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن ۋە ئۆچ كۆرمەيمەن ھەمدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇدەك ۋە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك دەرىجىدە نەپرەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن.


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى، تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سېپىللىرىڭلارنى قورشىۋېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن.


ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.


ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە، گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن. قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە، بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز.


مەن مۇنبەت زېمىنلارغا قارىدىم، ئۇ چۆلگە ئايلانغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپىدىن زېمىندىكى بارلىق شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite