Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، يوق قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا كۆتۈرمىدى ھەممىگە قادىر قولىنى. ئۇ ھەممىنى يالماپ يۇتۇپ ئوت كەبى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ياقۇپنىڭ يۇرتىنى.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 2:3
25 Referans Kwoze  

نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟ قولۇڭنى قوينىڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى!


شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ، لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق. بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.


خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.


ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ، تۇمشۇقۇڭنى ئۈشلاپ، پو ئاتما.»


موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟


ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، - دېدى.


ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»


شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.


ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»


كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.


ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.


مەن ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ، شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ زېمىندا يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».


ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى. تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا، قايتۇردى مېنى ئارقامغا. ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا، ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.


قەھر-غەزەپكە كېلىپ پەرۋەردىگار، چاچتى ئوتلۇق قەھرىنى. ئوت كېتىپ سىئونغا، كۆيدۈردى پۈتۈن شەھەرنى.


گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: ‹نەپرىتىم بىلەن بوران چىقىرىمەن، غەزىپىم بىلەن يامغۇر، قەھرىم بىلەن مۆلدۈر ياغدۇرىمەن.


خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite