Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 2:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 2:20
24 Referans Kwoze  

خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.


سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»


يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.


لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.


ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.


لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟


ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.


پەرۋەردىگار ئۆزى قوغلاپ چىقاردى ئۇلارنى، غەمخورلۇق قىلماس ئەمدى ئۇلارغا. كىشىلەر ھۆرمەت بىلدۈرمەس روھانىيلارغا، مەرھەمەت كۆرسەتمەس ئاقساقاللارغا.


ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.


ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»


سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.


شەھىرىڭلارنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟ ئەمما، ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىدى.


پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


پەرۋەردىگار يەنە ئۇلارغا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى ئۆلۈكلەرگە تولدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنى بۇلغاڭلار، ھازىرلا باشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار شەھەرگە بېرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite