18 ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.
ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا.
پەرۋەردىگار سىئوننىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇش قارارىغا كەلدى، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقتى ۋە نىيىتىدىن يانمىدى. قەلئەلەر، سېپىللار ھەسرەت چېكىپ، ۋەيران بولدى.
مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
ھەتتا ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلارمۇ سىلەرگە قارشى ۋارقىرىشىدۇ، تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە قارشى ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ.
ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.
يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.
پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.