Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر، ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ: «گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 2:15
38 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.


بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار.


مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.


خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.


خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.


بىزنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس، گۈزەل ئىبادەتخانىمىز، ئەجدادلىرىمىز سېنى مەدھىيەلىگەن ئاشۇ جاي كۆيدۈرۈۋېتىلدى، بىز قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلەر ۋەيران بولدى.


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:


ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟


ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:


سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر. سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ. كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر: «ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى، بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى، ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!»


ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى، ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى. ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى، بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى، ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى.


يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.


بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.


مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە ۋەيران بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىشىپ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.


دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا.


پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.


ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.


ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.


داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ، قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.


سېنىڭ تاقىغان زىبۇ-زىننىتىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، كىيگىنىڭ ئېسىل زىغىر رەختتە ۋە يىپەك رەختتە قىلىنغان كىيىم، كەشتىلىك كىيىم، يېگىنىڭ سۈپەتلىك ئۇن، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى بولدى. سەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاچاڭنىڭ چوڭ ھەم چوڭقۇر قەدىھىدىكى جازا شارابىنى چوقۇم ئىچىسەن، كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ئاھانىتىگە قالىسەن. بۇ قەدەھ لىقمۇلىق تولغاندۇر.


ئى ئىگەم، سەن بۇرۇن بىزگە رەھىمدىل بولغانىدىڭ، ھازىرمۇ رەھىمدىل بولۇپ، غەزەپ-نەپرىتىڭنى ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەللەر بىزنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite